Ilkan Machine Translator
مەرھابا! تور بىكىتىمىز كۈنسىرى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ. ھەر كەلگىنىڭىزدە تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەتلەردىن بەھىرلىنەلەيسىز.

يېڭىلىقلار: 

1.       كەسپى تەرجىمانلار ئۈچۈن تەھرىرلەش ئەلالاشتۇرۇلدى. تەپسىلاتى «تەرجىمانلار سەمىگە»دە. 2012/1/17

2.       36 مۇنبەر، 47 بلوگدىكى يېڭى، ئاۋات، نادىر تېمىلار ئۇلانمىسى تەمىنلەندى. 2012/1/17

3.       تەھرىرلەش ئەلالاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىلەر مول مەزمۇن، كۆپ ئىقتىدارلىق تېكىست ھۆججەتلىرىنى يازالايدۇ. توربەتلەرنى تۈزەلەيدۇ. شۇنداقلا ئەسلى تېكىست ھۆججىتى فورماتلىرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ تەرجىمە قىلالايدۇ، تەھرىرلىيەلەيدۇ. مول مەزمۇنلۇق تېكىستلەرنىڭ ئەسلى  HTML  كودىنى كۆرەلەيدۇ، ئۆزگەرتەلەيدۇ. 2011/12/02

4.       تور بەتلەرنى ئۆرۈش زور دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلدى. 2011/10/12

5.       ئۇيغۇر تىل-يېزىقلىرىنى ئۆزبېك تىل-يېزىقلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئېچىۋىتىلدى. 2011/9/28

6.       ئىنگىلىز، گېرمان، فرانسۇز، رۇس، ياپۇن، خەنزۇ، تۈرك، ئەزەر، تاتار، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، تەھرىرلەش، ماشىنا تەرجىمانغا ئامبارلاشتۇرۇش ئېچىۋىتىلدى. ئىشلەتكۈچىلەر سانداننى ئۆزلىكىدىن تولۇقلىيالايدۇ.  ماشىنا تەرجىماننىڭ تەرجىمە سۈپىتىمۇ ئىشلەتكۈچىلەر كىرگۈزگەن رېكوردقا ئاساسەن ئۆزلىكىدىن ئېشىپ ماڭىدۇ. 2011/9/26

7.       ئۆزبېك-ئۇيغۇر تەھرىرلەش ئېچىۋىتىلدى. ئىشلەتكۈچىلەر سانداننى ئۆزى تولۇقلىيالايدىغان بولدى. 2011/9/20

8.       تور بەتلەرنى ئۆرۈش ئەلالاشتۇرۇلدى. 2011/9/10

9.       ئۆزبېك-ئۇيغۇر تەرجىمە سۈرئىتى ۋە سۈپىتى يېڭىلىنىپ سۈرئەتتە ئەسلىدىكىنىڭ تۆت ھەسسىسىچىلىك تېزلىتىلدى. 2011/9/10

10.  ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆرۈشتە ئەينەن ئېلىنىدىغان ھەرىپلەرنى ئۆزگەرتمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2011/9/8

11.  ئۆزبېك سىلاۋيان، لاتىن يېزىقىدىكى تور بەتلەرنى ئۇيغۇرچىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرۈش قېتىلدى. 2011/9/1

12.  ئۇيغۇر يېزىقلىرىدىكى تور بەتلەرنى خالىغان ھەرپلەرگە ئايلاندۇرۇپ كۆرۈش قېتىلدى. 2011/8/30

13.  سىلاۋيان، لاتىن، ئەرەب ھەرىپلىرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى تېكىست ئارقىلىق بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش، ئۆزبېك سىلاۋيان، لاتىن يېزىقلىرىنى ئۇيغۇرچىغا ئايلاندۇرۇش قېتىلدى. 2011/8/26

 (خەتلەر نورمال كۆرۈنمىسە بۇ فونتنى قاچىلاڭ.) 

بىلدۈرگۈ:

    تور بىكىتىمىز ھېلىھەم ياسىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرچە تەھرىر، تەرجىمە سەھىپىسىلا ئېچىلدى. تەھرىر سەھىپىسىدە ئىنگىلىز، گېرمان، فرانسۇز، رۇس، ياپۇن، خەنزۇ، تۈرك، ئەزەر، تاتار، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك تىل-يېزىقلىرىدىكى ماتېرىياللارنى ئىشلەتكۈچىلەر ماشىنا تەرجىماننىڭ بەلگىلىك ياردىمى ۋە قول ئارقىلىق تەھرىرلەپ تەرجىمە قىلالايدۇ. ماشىنا تەرجىماننىڭ تەرجىمە سۈپىتى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئامبارلىغان رېكورد(سۆز، سۆز بىرىكمىسى، جۈملە) سانىغا ئاساسەن ئۆزلىكىدىن ئېشىپ ماڭىدۇ. كىرگۈزۈلگەن رېكورد توغرا بولسا ئىككىنجىلەپ بۇ تىل-يېزىقتىكى بۇ رېكورد(سۆز، سۆز بىرىكمىسى، جۈملە)نى ئۇيغۇرچىغا قولدا تەرجىمە قىلىپ، كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ كېيىنكى قول تەرجىمە يۈكىنى ئازلىتىش ئۈچۈن ئىلاج بار تەھرىر سەھىپىسىدە ماتېرىيال تەرجىمە قىلىشىڭلارنى، تەھرىرلىگەن رېكوردلىرىڭلارنى ئامبارلىۋىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ماشىنا تەرجىمىدە ئاساسلىق ئىككى تەرەپنىڭ بىرى: مۇقىم سۆز، سۆز بىرىكمە، جۈملىلەرنى ئامبارلاشتۇرۇش. ئىككىنجى تەرەپ: گرامماتىكا، لوگىكىلىق مەنىنى بىرتەرەپ قىلىش. دىققىتىمىز ئاساسلىق ئىككىنجى تەرەپكە قارىتىلغانلىقتىن كۆپچىلىكنىڭ ماشىنا تەرجىمىنىڭ ھازىرچە تېخى مۇكەممەل بولمىغانلىقىنى، ئۇنى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    تەرجىمە سەھىپىسىدە «بوۋاق» ماشىنا تەرجىمان خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ. نۆۋەتتە «بوۋاق ماشىنا تەرجىمان» ئۆزبېك كىرىل-لاتىن يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆز-ئارا ئۆرۈپ بېرەلەيدۇ. شۇنداقلا بۇ ئىككى تىلنىڭ سىلاۋيان، ئەرەب، لاتىن يېزىقلىرىنى ئۆز-ئارا ئۆرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۇندىن سىرىت، تور بەتلەرنىمۇ ئۆرۈپ بېرەلەيدۇ. تېكىستنىڭ سۈپەتلىك تەرجىمىسىگە ئېرىشمەكچى بولغانلار تەھرىر سەھىپىسىدە تەرجىمە ۋە تەھرىرلەش ئېلىپ بارساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    كەسپى، سۈپەتلىك، ئەرزان باھالىق تۈرك، ئۆزبېك، ئىنگىلىز، خەنزۇ تىللىرىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈيدىغان ئىھتىياجىڭلار بولسا بىۋاستە بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.

    دۇنيادىكى خالىغان تىللار بىلەن خالىغان تۈركى تىللىرى ئارىسىدىكى تەرجىمە سېلىشتۇرما ماتېرىياللىرى بولسا بىزگە ئىبەرتىپ بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. توپلانغان ماتېرىيال ۋە تەتقىقات نەتىجىمىزگە ئاساسەن ماشىنا تەرجىمە نەتىجىسى بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ.

 

3 نۆۋەتتە 67321 ئومۇمى زىيارەت
Copyright @www.ilkan.biz. All Rights Reserved.
QQ:494338625; skype:ilkanuyghur; E-mail:ilkanuyghur@yahoo.com