بايانات
ئەسسالام
قېرىنداشلار:
ئۇچۇر-بىلىم
بۈگۈنكى زاماندا بىر خەلقنىڭ ئۇنۋېرسال تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئاچقۇچ بولۇپ
قالدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى
پەن-تېخنىكا، سودا، مەدەنىيەتتىكى پايدىلىق ئۇچۇر-بىلىملەرنىڭ كەملىكى تەرەققىياتىمىزدىكى
ئەڭ زور توسالغۇ.
قوش
تىللىق مائارىپ، ھالبۇكى بۇخىل تەرەققىيات توسالغۇسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە تۈگىتەلىسىمۇ
ئەمما بىر پۈتۈن خەلقنىڭ ئۇنۋېرسال تەرەققىيات ئېھتىياجىدىن ئەسلا چىقالمايدۇ. بۇنىڭ
ئۈچۈن يەنىلا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئەڭ ھالقىلىق پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سودا
ساھەلىرىدىكى پايدىلىق ئۇچۇر، بىلىملەرنى كۆپەيتىشكە، تارقىلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشقا
توغرا كېلىدۇ.
ھازىرقى
ئۇچۇر-بىلىم ئالماشتۇرۇش سەۋىيىمىز بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما
ئۇچۇر-بىلىم تەرەققىياتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىز ئۇچراۋاتقان خىرسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى
تەرەققىيات ئېھتىياجىمىزنى ئەسلا قاندۇرالمايۋاتىدۇ.
بۇ
قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نەچچە يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىلكان ماشىنا تەرجىمە
تورىدىكى بەلگىلىك تەرجىمە، تەھرىر مۇلازىمەتلىرى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، شۇنداقلا
تەتقىقاتىمىز ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. تورلۇق ۋە تورسىز ئىلكان ماشىنا تەرجىمە
دېتالى گۇگېل، بابىلون قاتارلىق ماشىنا تەرجىمە دىتاللىرىدىن قالسا ماشىنا تەرجىمە
ساھەسىدىكى يەنە بىر دېتالدۇر. شۇنداقلا تۈركى تىللىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن
خەلقئارادىكى ئاساسلىق تىللار ئارىسىدىكى بەلگىلىك ماشىنا تەرجىمە ۋە تەھرىرلەش مۇلازىمىتىنى
تەمىنلىگەن، ئەمەلى ئىشقا چۈشكەن تۇنجى دېتالدۇر.
تەتقىقاتىمىز
نەتىجىسىدە 1930- يىلىدىن بېرى ئۆزبېك، ئۇيغۇر سىلاۋيان، لاتىن يېزىقىدا نەشىر
قىلىنغان كىتابلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا
بىر كىتابنى بىر كۇنۇپكا بىلەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشتى. شۇنداقلا
ئۆزبېكچە تور بەتلەرنى ئۇيغۇرچە زىيارەت قىلىشمۇ ئەمەلگە ئاشتى. باشقا تىل-يېزىقتىكى
كىتابلارنى بىر كۇنۇپكا بىلەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تەتقىقاتى داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە تەتقىقات
نەتىجىسىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
يۇقارىقى
ماشىنا تەرجىمە ساھەسىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىنى
قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇنبەرلەر ۋە بلوگلاردىكى يېڭى، نادىر، ئاۋات تېمىلار ئۇلىنىشىمۇ
تەمىنلەندى.
چۈنكى،
ھازىرقى ئۇيغۇرچە مۇنبەر، بلوگلار سانى 1000 دىن ئاشىدۇ. ھالبۇكى بىر ئادەمنىڭ ئەستە
تۇتۇش ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ. يەنى نورمال ئادەم بەش-ئالتە ئادرېسنى ئېسىدە تۇتالىشى
مۇمكىن. بۇ بەش ئادرېس بىلەن 1000 ئادرېسى روشەن سېلىشتۇرما. ئەمما ھەممىمىز چەكلىك
بولغان ھاياتتا، چەكلىك بولغان تور زىيارەت ۋاقتىدا پايدىلىق بىلىم، ئۇچۇرلارغا
ئىنتايىن تېز ئېرىشىشكە ئېھتىياجلىق.
دەل
بۇخىل ئېھتىياج يۈزسىدىن تورىمىز 80 دىن كۆپ مۇنبەر، بلوگلاردىكى تېمىلار ئۇلىنىشىدىن
سىلەرنى خەۋەردار قىلدۇق. بۇ ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ پايدىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش
ئىمكانىيىتى ئەسلىدىكىدىن 16 ھەسسە ئاشتى.
بۇ
بىر شەخسكە نىسبەتەن 16 ھەسسە ئېشىش ھېچقانچە تۇيۇلمىغاندىمۇ، ئەمما نەچچە يۈز، نەچچە
مىڭ كىشىنىڭ پايدىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ 16 ھەسسە ئېشىشى بىر جەمئىيەتكە
ئىنتايىن پايدىلىق.
ئۇنداقتا
قېتىلغان توربەت، مۇنبەرلەرگە زىيانلىقمۇ؟
بىز
پەقەت ئۇلار تەمىنلىگەن ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ خەرىتىسىنى كىشىلەرگە بىلدۈردۇق. خەلق
تۇرمۇشىغا پايدىلىق خەرىتە ھەرگىزمۇ ئەسلى ئورۇندىكى مال-مۈلۈككە دەخل-تەرز
قىلغانلىق بولمايدۇ. كىشىلەر تور بەتنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن
زىيارەت قىلىش-قىلماسلىقنى بەلگىلەيدۇ. دېمەك، بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەقىقى
ياخشى ماقالە، ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگەن توربەتلەرنىڭ زىيارەت مىقدارى تۆۋەنلەشنىڭ
ئەكسىچە ئېشىپ ماڭىدۇ.
دېمەك
بۇ نۇقتىنى ھەقىقى چۈشىنىپ يەتكەن «ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى»،«ئىزدىنىش»، «سودىگەر» قاتارلىق تېمىلار ئۇلىنىشى تەمىنلەنگەن
بارلىق تور بەتلەرگە چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. ئەلۋەتتە بىزلا ئەمەس،
بەلكى نۇرغۇنلىغان تور بەتلەردىكى «گۆھەر»لەردىن ئۆز ۋاقتىدا پايدىلىنىۋالالىغان
كىشىلەرمۇ رەھمەت ئېيتىدۇ.
تېمىلار ئۇلىنىشى گۇگېل ئىزدەش مۇلازىمىتىر نەتىجىسىدىن ئېلىنىدۇ. شۇڭا باشقىچە
پىكىرى بارلار بىۋاستە گۇگېل شىركىتى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىنى
ئېلىۋىتىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
2012- يىل 27- يانۋار